باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيە مەركىزى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ
2008- 09- 18 15:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئاپتونوم رايونلۇق خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيە مەركىزى  20 – سېنتەبر ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ‹‹بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىپ، دۇنياغا خەيرىيەت قولىمىزنى سۇنايلى›› باش تېما قىلىنغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبول تۈرىدە كۆمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرى ۋاڭ جيې شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسىنىڭ ئوبزار ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

      بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە ئاساسلىقى يېڭى كىيىم – كېچەك، قىشلىق پاختىلىق يوتقان ۋە نەق پۇل توپلىنىدۇ، بۇ ئىئانە بۇيۇملىرى سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا قىشلىق كىيىم – كېچەك كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ھەمدە سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 21 – سېنتەبردىن باشلاپ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى دوستلۇق سارىيى، تۆمۈر يول ئىدارىسى شىدەن سودا سارىيى، خۇيجيا دەۋر سودا سارىيى ئالدىدا يەنىلا داۋاملىق ئىئانە توپلىنىدىكەن.  
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ