|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن 16 – سېنتەبر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەشكىللىگەن ‹‹ئاتا – ئانىلار ۋەكىللىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىش ۋە ئۇلارنى ئۇزىتىش›› پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى يۇرتداشلىرىغا سۆزلەپ، پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيىنىڭ فاڭجىن، سىياسىەتلىرىنى تېخىمۇ ئوبدان قوغداشنى ئۈمىد قىلدى.
2006 – فېۋرالدا، ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە ئائىلە باشلىقلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشكە تەشكىللىگەن ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىككىنچى تۈركۈمدە ھەم پەزىلەتلىك ھەم ئوقۇشى ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىۋەتتى، 28 ئائىلە باشلىقى بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا بارىدۇ، ئۇلار مەكتەپ ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئاچقان شەھەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئەركىنجان تۇراخۇن ئۇزىتىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئىچكى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلغان توققۇز يىلدىن بۇيان، 18 مىڭ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىسى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەردە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم- تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدى، بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى. سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار ناھايىتى ئەلا ئوقۇغۇچىلار، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى. ئېكىسكۇرسىيە ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ھەر قايسى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى يۇرتداشلىرىغا سۆزلەپ بىرىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ تەسىراتلىرىلاردىن تەڭ بەھرىمان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|