باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېلىمىزنىڭ مېيىپلار تەنتەربىيە ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى
2008- 09- 18 12:46 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 17 – سېنتەبىر مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى : جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، باتۇرانە ئېلىشىپ، 89 ئالتۇن مېدال، 70 كۆمۈش مېدال، 52 مىس مېدال ئېلىپ، مېدال شەرەپ تاختىسىدا بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى ھەمدە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ۋەتەنگە زور شان– شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مېيىپلار تەنتەربىيە ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئىككى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئوخشاشلا قالتىس ئۆتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ھەمدە سەمىمىي ھال سورايدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ