|
7 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – كورىيە – ياپونىيە مەدەنىيەت كەسپىي مۇنبىرى 17 – سېنتەبىر دالىيەندە باشلاندى. 3 دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت، مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى. بۇ مۇنبەر—جۇڭگو – كورىيە – ياپونىيە 3 تەرەپنىڭ مەدەنىيەت كەسپىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سورۇن ھېساپلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان، دالىيە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى— ‹‹ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق داۋامىدا، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش››تىن ئىبارەت. مۈنبەر مەزگىلىدە، كارتون، ئېلېكتىرونلۇق ئۇيۇن، ئورۇنداش سەنئىتى، كىنو – تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەدەنىيەت كارخانىلىرى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.
|