|

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 17 – سېنتەبىر بېيجىڭ ‹‹خەلق ››سارىيىدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە ۋە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ساموئا زۇڭلىسى تۇيلائېپا بىلەن كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ تۇيلائېپانىڭ بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەنلىقىنى قارشى ئالدى ھەمدە ساموئا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو–ساموئا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.ئىككى دۆلەت 1975– يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىقتىساد–سودا، يېزا ئىگىلىكى، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەر ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقتا ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو–ساموئا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر تېز راۋاجلىنىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، جۇڭگو ساموئانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشنى، ساموئا تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاشنى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى بىر–بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–ساموئا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشنى خالايدۇ .
|