باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالدى
2008- 09- 18 11:50 شىنجاڭ گېزىتى

   ئارىشاڭ ناھىيىسىدە: ئارىشاڭ ناھىيىلىك  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى. ناھىيىلىك  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن   ئۇيۇشمىمىز ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ  دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىشچى – خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە خاتىرجەم ئوقۇشىغا داۋاملىق ياردەم قىلىدۇ.

   ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئايگۈل  مۇنداق دېدى:  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى  مېنىڭ ئوقۇش راسخوتىمنى ھەل قىلىپ بەردى. مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ ، پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ  كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

   گۇما ناھىيىسىدە:  بۇ يىل گۇما ناھىيىسىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 81 ئوقۇغۇچىغا ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى كەلگەنىدى. ئەمما ئوقۇش پۇلى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا –  ئانىلىرىنى تەڭقىسلىقتا قالدۇردى. ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى سەنشيا سۇ قۇرۇلۇشى باش شىركىتىدىكى ئىشچى –  خىزمەتچىلەر ناھىيىگە ياردەم قىلغان 251 مىڭ يۈەننى بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى قىلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ