|
بىر ئىنەك باققۇچىغا بىر قېتىمدا 500يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
قۇتۇبى ناھىيىسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى ۋۇگۇڭتەي كەنتىدىكى ئىنەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋېي شىنمىننىڭ توڭلىتىلغان ئۇرۇق بىلەن نەسىللەندۈرۈلگەن 20 نەچچە تۇياق خولستېيىن ئىنىكى بۇ يىل سەككىزنى موزايلىدى. ئاپتونوم رايون يولغا قويغان نەسىللىك ئىنەك باقمىچىلىقىغا ياردەم پۇل بېرىش چارىسىگە ئاساسەن، ئۇ بىر قېتىمدىلا 4000 يۈەن بېقىش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. 4 – سېنتەبىر، ئاپتونوم رايون قۇتۇبى ناھىيىسىدە يىغىن ئېچىپ، نەسىللىك ئىنەك باقمىچىلىقىغا ياردەم پۇل بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەلا نەسىللىك تۇغۇلغان ھەر بىر چىشى موزايغا 500 يۈەن بېقىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ سۈتچىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نەسىللىك ئىنەك بايلىقىنى مۇقىم كېڭەيتىپ، سۈتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى قوغداش، سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇش قارار قىلىنغان. ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان ئوبيېكت ۋە دائىرىسى: غۇلجا ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى، سانجى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، قۇتۇبى ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدىن ئىبارەت سەككىز ناھىيە(شەھەر)دە دۆلەتنىڭ 2006 – يىلىدىكى ئىنەك نەسلىنى ياخشىلاش ياردەم پۇلىدىكى توڭلىتىلغان ئۇرۇق بىلەن نەسىللەندۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللانغان باقمىچىلار كۆپەيتكەن نەسىللىك خولستېيىن ئىنىكىگە بېقىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى تەدبىقلىنىدۇ، ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان نەسىللىك ئىنەكنىڭ يېشى 0 – 28 ئايلىققىچە بولىدۇ. ھەر تۇياق نەسىللىك ئىنەككە بىر قېتىمدىلا 500 يۈەن بېقىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، بۇ ياردەم پۇلىنىڭ 300 يۈەنى مەركەز مالىيىسىدىن، 200 يۈەنى ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيە، شەھەر مالىيىسىدىن بېرىلىدۇ.
|