|
بىز 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتىلېن قۇرۇلۇشى مەيدانىدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى ئېلان قىلىنغان كۆرسىتىش تاختىسىنى كۆردۇق. بۇ تاختىغا نېفىت ئايرىش قۇرۇلۇشى 5 – ئەترىتىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى ئېنىق يېزىلغان ئىدى.
مايتاغ رايونلۇق ئەمگەك نازارەتچىلىكى چوڭ ئەترىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھازىر مايتاغدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتىلېن زاۋۇتى قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ھەر كۈنى 30 مىڭغا يېقىن قۇرۇلۇشچى قۇرۇلۇشقا قاتنىشىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىكەن. ئەمگەك نازارەتچىلىكى چوڭ ئەترىتىدىكىلەر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىش مەيدانىدا يۇقىرىقىدەك ئىش ھەققىنى ئېلان قىلىش تاختىسىنى ئورناتقان. ئۇلار بۇ بىر نەچچە يىلدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىققا دائىر دېلوسىدىن 1127 پارچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىدىن 14 مىليون 213 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى ئېلىپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قولىغا تەگكۈزگەن.
قانداق قىلىپ قۇرۇلۇشچىلارغا ياخشى تۇرمۇش، خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىغاندا، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ؟ مايتاغ بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى: مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ ۋەدىنامىسىنى ئېلان قىلدى؛ قۇرۇلۇش كەسپىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ تارقىتىلىشىنى ئېلان قىلىش تاختىسىنى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىلمىشى دۇرۇس بولمىغان 82 ‹‹ئىش بېشى›› ۋە 12 ئورۇننى ئاممىغا ئېلان قىلدى.
مايتاغ رايونلۇق ئەمگەك نازارەتچىلىكى چوڭ ئەترىتىدىكىلەر كېچە – كۈندۈز دىجۇرنىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇردى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 48 سائەت ئىچىدە مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، جۇڭخۇا سانائەت شىركىتى 3 – تۈرلەر دىرېكتورىيىتىنىڭ ‹‹ئىش بېشى›› دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 230 مىڭ يۈەن پۇلىنى قولغا ئېلىپلا غايىپ بولدى. مايتاغ ئەمگەك نازارەتچىلىكى چوڭ ئەترىتىدىكىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر تەرەپتىن، قۇرۇلۇش باش ھۆددىگىرى تەرەپ بىلەن ئاۋۋال دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىپ بېرىش توغرىسىدا ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە جىنايەت گۇماندارىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردى. بۇ ئىشتىن كېيىن دېھقان ئىشلەمچىلەر: مايتاغدىن ئىبارەت ئىشەنچلىك يۆلەنچۈك بولغاچقا، بىز ئىشنى يەنىلا بېرىلىپ ئىشلەيمىز، دېيىشتى.
|