|
مازار مەدەنىيىتى ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، سالا قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگىمۇ ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ھادىسىسى. بۇ جايلاردىكى مىللەتلەر بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەم بىر – بىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مازار مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىگە ئىگە. ياپونىيە ‹‹تويوتا›› فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئانتروپولوگىيە ۋە فولكلور تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن روياپقا چىققان ‹‹يىپەك يولىدىكى مازارلار تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مازار تەتقىقاتى›› توغرىسىدىكى بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلىمىزدىن ھەم ئامېرىكا، ياپونىيە، شۋېتسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ‹‹قوليازمىدا خاتىرىلەنگەن مازارلار››، ‹‹بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسيادىكى مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى››، ‹‹مازار ھۆججەتلىرى تەتقىقاتى››، ‹‹تارىختىكى مازارلار››، ‹‹مازار مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى›› قاتارلىق تېمىلاردا ماقالە ئوقۇدى. جەمئىيەتتىكى ئەربابلاردىن بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار تۇرپاندىكى سۆگەل غوجام مازىرى ۋە پىچاندىكى تۇيۇق غوجام مازىرىدا زىيارەتتە بولدى.
دوكتور راھىلە داۋۇت بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدىكى مازارلار شىنجاڭنىڭ مۇھىم ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. ئەمما باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ مازار تەتقىقاتىمىز يەنىلا ئاجىز. بۇ قېتىمقى يىغىن قەدىمكى يىپەك يولىغا جايلاشقان رايونلارنىڭ مازار مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مازار مەدەنىيەت ھادىسىسىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىشقا، باشقا دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يول ئاچقۇسى››.
|