|
ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكىلەر 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە 18 مىليارد 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 17 تۈر بويىچە ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، تاشقى ئىقتىساد سودا توختامى ئىمزالىدى.
جۇڭگو (شياڭگاڭ) ‹‹پېڭرۇن›› كاپىتال چەكلىك شىركىتىدىكىلەر 99 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا شىنجاڭ ‹‹خۇڭشېڭ›› ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى قۇرىدىغان تۈر ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل شىنجاڭ ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تىجارەت نۇقتىلىرىغا تاۋار يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، يىللىق تىجارەت كىرىمى تەخمىنەن 5 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكىلەر شاڭخەي ‹‹ياتەي›› گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن ئىمزالىغان، يىلىغا 200 مىڭ توننا سانائەت سىلتىسىيسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
|