باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكى يىغىنى ئېچىلدى
2008- 09- 18 11:39 شىنجاڭ گېزىتى

    9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى بىرلەشمە يىغىنى 11 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكى سىستېمىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر ياخشى باشلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىناۋەت باھالاش سۇپىسىنى تېز قۇرۇشنى نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كېپىللىك ئاپپاراتى ھەمكارلىقى، يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە بۆسۈش قىلىشى كېرەك››.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىن، ئېلىمىزدىكى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى 300 نەچچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنىڭ ئىناۋەت كېپىللىكى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ