باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھىدىكىلەر ئىچكى جەھەتتە ساپانى ئۆستۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە بازارنى كېڭەيتىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى
2008- 09- 18 11:37 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ ‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھىنىڭ يەنە بىر چوڭ تىپتىكى سودا سارىيى  مايتاغ ‹‹جىنشېڭ›› سودا سارىيىدا 6 – سېنتەبىر رەسمىي تىجارەت باشلاندى، ‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى نيې رۇشۈەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان، بىز دۆلەت كارخانىسىدىن پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىغا ئۆزگەردۇق ھەم پېيىمىزنى بازارغا سالدۇق، كېيىن مۈلكىمىزنى ئىستراتېگىيىلىك قايتا بىرىكتۈردۇق. مۇشۇنداق ئۈچ قېتىملىق چوڭ سەكرەشنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۇق››.

   ‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىكى كونا كارخانا بولۇپ، 1958 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى ‹‹دوستلۇق›› ماگىزىنى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1996 – يىلى ‹‹دوستلۇق›› ماگىزىنى تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىپ، پېيىنى بازارغا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ سودا ساھەسىدە ۋە مەركىزىي شەھەر كارخانىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ پېيىنى بازارغا سالغان كارخانىغا ئايلاندى. 1998 – يىلى ‹‹تەڭرىتاغ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى›› بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ ‹‹دوستلۇق››(گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

   كۆپ يىللاردىن بۇيان، ‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھىدىكىلەر ‹‹ئىچكى جەھەتتە ساپانى ئۆستۈرۈش، تاشقى جەھەتتە بازارنى كېڭەيتىش›› نى ئىسلاھاتنىڭ داۋامى قىلىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، ھۆججەتلەشتۈرۈشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇلار مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىن 14 خىل ئەڭ داڭلىق ماركىدىكى مەھسۇلات ۋە 246 خىل ئاممىباپ داڭلىق ماركىدىكى مەھسۇلاتنى كىرگۈزدى. كورلا، مايتاغ قاتارلىق شەھەرلەردە چوڭ سودا ساراي ئاچتى. مايتاغدىكى ‹‹جىنشېڭ›› سودا سارىيىنىڭ تىجارەت كۆلىمىلا 13 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، تاۋار تۈرلىرى 30 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ.

   ھازىر ‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھى مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ سودا كارخانىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى 100 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىردى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2007 – يىلى تىجارەت كىرىمى 2 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 100 مىليون يۈەن باج تاپشۇردى، ياراتقان پايدىسى 80 مىليون يۈەندىن ئاشتى، تۈرلۈك ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىدە ‹‹دوستلۇق›› گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى. گۇرۇھ قارمىقىدىكى ‹‹دوستلۇق››، ‹‹تەڭرىتاغ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى›› دىن ئىبارەت بۇ ئىككى سودا ساراي مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ‹‹شەھەرلەردىكى ماگىزىنلاردا ساختا مال بولماسلىق›› پائالىيىتىدە كۆپ قېتىم ئۈلگىلىك ماگىزىن بولۇپ باھالىنىپ، كۆپ تۈردە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ