|
‹‹ سەنلۇ ›› ماركىلىق سۈت پاراشوگىنى ئىستىمال قىلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ كېلىنگەن بالىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ بىز 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن باشلاپ سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇگىنى ئىستىمال قىلغان بالىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش يوللىرىنى جىق قولايلىقلاشتۇردۇق. بالىلارنى تەكشۈرۈش، كېسەل چىققان بالىلارنى بالنىستىدا ياتقۇزۇپ داۋالاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇۋاتىدۇ. ئامبولاتورىيە زالىنىڭ تېمىغا بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى چاپلاپ قويدۇق. ‹سەنلۇ› ماركىلىق سۈت پاراشوگى ئىستىمال قىلغان ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تەكشۈرۈلىدۇ ››.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ كېلىنگەن بالا سانى 198 گە يەتكەن بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ كېلىنگەن بالا سانى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورد يارىتىلغان. 13 – سېنتەبردىن 16 سېنتەبرگىچە بۇ دوختۇرخانىنىڭ بالىلار بۆلۈمىگە جەمئىي 511 بالا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ كېلىنگەن. ئۈچ بالىنىڭ سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان. 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كەچكە قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا جەمئىي 66 بالا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە تۆت بالىنىڭ سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش بارلىقى بايقىلىپ، بالنىستا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە كەلگەن بالىلار ئىچىدىن ھازىرغا قەدەر سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بالىلار بايقالمىغان.
مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ سۈيدۈك سىستېمىسىدا پەيدا بولغان تاش بەكلا ئۇششاق بولسا ھەم تارقاق ھالەتتە بولسا، بالىلار كۆپ سۇ ئىچىپ، كۆپ كىچىك تەرەپ قىلىپ بەرسە، پەيدا بولغان تاشلار ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ ››.
|