باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار خادىملار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى
2008- 09- 18 11:00 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. 2008 – يىلى 8 – سېنتەبىر سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنفېن شەھىرى شياڭفېن ناھىيىسىدىكى ‹‹شىنتا››كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قالدۇق رۇدا ئامبىرىدا رۇدا پاتقىقى توسمىنى ئېلىپ كېتىش پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلدى. گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ پەۋقۇلئاددە زور مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋەقەسى بولۇپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغان.

   سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يولداش مېڭ شۆنۇڭ، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى يولداش جاڭ جيەنمىننىڭ بۇ ۋەقەدە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ۋەقەسىدىكى مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›› ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يولداش مېڭ شۆنۇڭنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش تەلىپى قوبۇل قىلىندى ھەم يولداش جاڭ جيەنمىن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇلدى. سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى ۋەقەگە چېتىشلىق باشقا خادىملارنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلار ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھازىر ۋەقەنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۈزۈل – كېسىل تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ.

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن خەۋىرى. سەنشى ئۆلكىلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا 14 – سېنتەبىر يولداش مېڭ شۆنۇڭنىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، ۋاڭ جۈننى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىقىغا، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ