باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋۇ باڭگو مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا، دەپ تەكىتلىدى
2008- 09- 18 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ‹‹خەلق سارىيى››دا  ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا، دەپ تەكىتلىدى.

   ۋۇ باڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۆسمۈرلەر – بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرگەن، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى يەنىلا ئاتا – ئانىلار بىلەن جەمئىيەت ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇشى كېرەك. بۇ يىلقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ساپا مائارىپىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەجبۇرىيەت مائارىپى توغرىسىدا قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2006 – يىلى دائىمىي كومىتېت 20 يىلغا يېقىن يولغا قويۇلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىگە قارىتا بۆسۈش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزىدى؛ 2007 – يىلى يولغا قويۇلغىنىغا يەتتە ئاي بولغان يېڭى قانۇننىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردى. بۇ مۇھىم قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش ۋە تەكشى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىغا يېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇنى يەنە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزدى.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ جاۋگو، لۇ يۇڭشياڭ، جياڭ شۇشېڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

   ۋاڭ جاۋگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مائارىپقا قويغان تەلىپى ۋە خەلقنىڭ مائارىپتىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كەلدى، يېڭى مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدىكى تەلەپلەرنى ئورۇنداشقا تېخى مەلۇم ۋاقىت بار. ھازىر بالىلارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، ياخشى ئوقۇتۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك زىددىيەتكە ئايلاندى؛ سان ۋە كۆلەم مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، سۈپەت ۋە قۇرۇلما مەسىلىسى گەۋدىلىك زىددىيەتكە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە تەلەپلەرگە ماسلىشىپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

    لۇ يۇڭشياڭ بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

   ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى  9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خېيلۇڭجياڭ، خۇبېي، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكىدە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرىدىكەن ھەم خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، ئەنخۇي، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، گۈيجۇ، شەنشى، شىنجاڭ قاتارلىق ئون ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ تەۋەلىكىدە يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ