|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م بۈگۈن كەچتە يېپىلىدۇ. دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ 17 – سېنتەبىر چۈشتە ‹‹دياۋيۈيتەي›› دۆلەت مېھمانخانىسىنىڭ ‹‹فاڭفېييۈەن›› سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگوغا بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: مېيىپلەر ئو ت م ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مېيىپ دوستلارنىڭ كاتتا تەنھەرىكەت يىغىلىشى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىدىن ھالقىيدىغان، قاتنىشىش قەدىرلىنىدىغان، شادلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغان كاتتا خەلقچىل يىغىلىشى. بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دە چىڭ تۇرۇلغان ھالقىش، بىرلىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيىسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىغا قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇردى.
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، رەئىس خۇجىنتاۋنىڭ رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ، شۇنىڭدەك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې، خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كراۋېن قاتارلىق خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار زىياپەتكە قاتناشتى.
‹‹فاڭفېييۈەن›› سارىيىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، لەرزان مۇزىكا ساداسى ياڭراپ تۇراتتى، ھەشەمەتلىك نەقىشلىك سېرىق چىراغنىڭ نۇرىدا ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ‹‹ئاسمان، زېمىن، ئادەم›› بەلگىسى جۇلالىنىپ تۇراتتى. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇ جىنتاۋ ۋە رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ‹‹فاڭفېييۈەن›› سارىيىدا بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھال سوراشتى.
بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، زىياپەت شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە باشلاندى، خۇ جىنتاۋ قەدەھ سۆزى قىلدى.
خۇ جىنتاۋ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن مېھمانلارنىڭ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى؛ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۆھپە قوشقان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى؛ ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 12 كۈندە ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىگە پائال قاتنىشىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، شانلىق ھايات قەسىدىسىنى ياراتتى. جۇڭگو خەلقى خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، دۇنياغا ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك مېيىپلەر ئو ت م نى تەقدىم قىلدى. جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە شادلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئىلگىرىكىدەكلا جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيا مېيىپلەر تەنھەرىكىتى ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خان جەمەتى ئەزالىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى زىياپەتكە قاتناشتى.
|