|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت مۇھەممەت خەۋىرى ، فوتوسى: يېزا ئىگىلىك 3–شىسى 51–تۈەن مەيدانىدىكى مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچى ئېلى ھوشۇر 2007–يىلىدىن بۇيان ، ئۆزىنىڭ سودا ماركىسى نامىدا ‹‹زۇمرەت ئوقۇش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلغان بولۇپ ، ھەر يىلى‹‹1–ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى ۋە ‹‹10–سېنتەبر››ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ، تۇمشۇق شەھىرىگە قاراشلىق ھەر قايسى تۈەن مەيدانلاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 25 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ كەلگەن . يېقىندا ، ئۇ ، يېزا ئىگىلىك 3- شىسى مىللىي ئوتتۇرا مەكتىپىدە ، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى. ئىگىلىنىشىچە ، ئېلى ھوشۇر بۇ يىل 5–ئاينىڭ 12–كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە ، ئۆز يېنىدىن 5000 يۈەن چىقىرىپ ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا ئىئانە قىلغان . ئۇ يەنە داڭلىق ئۇسسۇلچى، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك سەنئەتكار دىلنار ئابدۇللا نامىدا قۇرۇلغان ‹‹شىنجاڭ دىلنار ئەدەبىيات–سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى››گىمۇ 5000 يۈەن ئىئانە قىلغان.

سۈرەتتە : ئېلى ھوشۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلىماقتا
|