|

17 – سېنتەبر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەررىفور تاللا بازارلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ ، سېتىلىۋاتقان ‹‹مەسلىسى بار سۈت پاراشوكلىرى››نى مال جاھازىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى . 16 – سېنتەبر، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرى تەركىبىدىكى مېلامىن فورمالدېگىد ماددىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ، سەنلۇ ، يىلى ، مېڭنيۇۋ ، ياشىلى، شىئېن ، شېڭيۈەن قاتارلىق 22 كارخىنىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە مېلامىن فورمالدېگىد ماددىسى بايقالغان بولۇپ ، سېتىشنى جىددىي توختىتىش تەلەپ قىلىندى .
|