باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
شەرقىي ئاسىيا بانكىسى شۆبە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبە بانكىسى تىجارەت باشلىدى
2008- 09- 17 16:29 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      شەرقىي ئاسىيا بانكىسى شۆبە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبە بانكىسى، 16 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن تىجارەت باشلىدى. بۇ –– ئاپتونوم رايونىمىزدا چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى قانۇنىي ئىگىلىكتىكى بانكا بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

      شەرقىي ئاسىيا بانكىسى––– 1918 – يىلى شياڭگاڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، شياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇئامىلىدارلارنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا 230دىن ئارتۇق تىجارەت نۇقتىسى تەسىس قىلغان. شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى ––– شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتا قۇرغان 17 – شۆبە بانكىسى بولۇپ، تۈرلۈك مۇئامىلىدارلارنى تاشقى پېرېۋوت ۋە خەلق پۇلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئالدى بىلەن شەرقىي ئاسىيا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى يېتەرلىك، كان بايلىقى مول بولۇپ، ساياھەتچىلىك جەھەتتە ئەۋزەل بايلىق مەنبەسىگە شۇنداقلا زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىش جەھەتتە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا بازارلىرىنى ئېچىشىدىكى ئالدىنىقى سەپ ۋە مۇھىم ئۆتكەل ھىساپلىنىدۇ. ئىسلاھات،  ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستىراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولدى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئۆزلۈكسىز زورايدى. تۈرلۈك ئىشلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى يېڭىچە تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كېلىپ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى. شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا قەدەم بېسىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مول بايلىق مەنبەسى ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسى ئەۋزەللىكى شۇنىڭدەك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە تايانغان ھالدا، رايون ھالقىغان پۇل مۇئامىلە كەسپلىرىنى قانات يايدۇرۇشى–– شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە ئىستىراتېگىيىلىك قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشىكنى ئومۇمىيۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ››.

      نۇر بەكرى يەنە شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشتىكى تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا ئېلىپ كېلىپ، شەرقىي ئاسىيا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبىسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز سودا – سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

      شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مەمۇرىي باش لېدىرى، دوكتۇر لى گوباۋ مۇنداق دېدى: ‹‹ شەرقىي ئاسىيا بانكىسى–– شىنجاڭغا تۇنجى بولۇپ قەدەم باسقان چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى شەخسىي مۇئامىلىدارلار ۋە كارخانىلارنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، رايون ئىقتىسادىي ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىدۇ ››.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ياڭ گاڭ، لى جى، خۇ ۋىي قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

      ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىغا 400 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ، شەرقىي ئاسىيا بانكىسى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرىدىكەن.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ