باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋۇ باڭگو ئارگېنتىنا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاقىتلىق باشلىقى پەنپۇرو بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 17 11:54 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو 16 – سېنتەبىر خەلق سارىيىدا، ئېلىمىزغا بېيجىڭ مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئارگېنتىنا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاقىتلىق باشلىقى پەنپۇرو بىلەن كۆرۈشتى. ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى:‹‹ جۇڭگو –ئارگېنتىنا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ، 2004– يىلى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆز ئارا زىيارەت قىلىپ، ئىستراتىگىيىلىك شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو – ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشەنچىسى ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى كۈنسىرى چوڭقۇرلىشىپ، باشقا ساھەلەردىكى ئالاقىسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى. زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ياخشى ئالاقە ۋە ماسلىشىش ساقلاپ قىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈلدى ›› .

     ۋۇ باڭگو يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹‹ جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر–بىرىنى تولۇقلاش خاراكتىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئىقتىساد– سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو تەرەپ ئىستىراتىگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئارگېنتىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىر يولدا ئىقتىساد، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ئارگېنتانىڭ ئىستىراتىگىيىلىك شىرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ›› .  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ