باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋ نىگېر زۇڭلىسى ئومالۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2008- 09- 17 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

  

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 16 – سېنتەبىر خەلق سارىيىدا ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولۇش ھەمدە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن نىگېر زۇڭلىسى ئومالۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى:‹‹ جۇڭگو بىلەن نىگېرنىڭ دىپلۇماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش دەرىجىسى ئېشىپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆز ئارا بىر بىرىنى قوللاپ، ئىقتىساد ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىكلەر بويىچە دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى چۈشىنىش ۋە ماشلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز›› . 

    ئومالۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ جۇڭگو— نىگېر خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش، نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىشدىكى سەمىمىي دوستى ۋە شېرىكى. بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ نىگېرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىشىنى ۋە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز›› .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ