باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇ جىنتاۋ روسىيىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2008- 09- 17 11:37 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن روسىيىنىڭ موسكۋادىن پېرم شەھىرىگە ئۇچقان ‹‹بوئېئىڭ _ 737›› تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇرال تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئايروپىلاندىكى 82 يولۇچى ۋە ئالتە ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. خۇ جىنتاۋ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن مېدۋېدېۋدىن ھەم ئۇ ئارقىلىق قازا قىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ