|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاراپ چىقىلدى ھەم جەمئىيەتتىن يەنە ئاشكارا پىكىر – تەكلىپ قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق تارماقلار كۈچ تەشكىللەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق ‹‹تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تۈزۈپ چىقتى. گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرى نەچچە قېتىم مەخسۇس سۆھبەت يىغىن ئېچىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋەكىللىرىدىن بىۋاسىتە پىكىر ئېلىپ، ھۆججەتكە يەنە تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى. ‹‹پىكىر››دە تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، تۈپ پرىنسىپى ۋە ئاساسىي تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
|