باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بالىدىن 31ى بايقالدى
2008- 09- 17 11:33 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 16 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 30: 4 غا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە نازارەتچىلىكى تارماقلىرى سودا ساراي، تاللا بازىرى ۋە  تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدىن جەمئىي 679 نى تەكشۈرۈپ،  ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىدىن 14مىڭ 673 قاپنى بىر تەرەپ قىلغان. 16 – سېنتەبىر كەچكە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بالا  31 گە يېتىپ، ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

   يېقىندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىدىغان بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش كېسەللىكى كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹بۇلغانغان سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بوۋاقلارنى داۋالاش لايىھىسى››نى تارقاتقان ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە داۋالاش لايىھىسىنى ئېلان قىلغان.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بالىلار ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە ھەقسىز داۋالىنىدىكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ساقىيىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىگەنلىك ئىسپاتى بولسا، تولۇق سوممىسى بويىچە ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدىكەن، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى كۈتۈش ، قاتناش قاتارلىق ھەقلىرى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش، قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بالىلارنى مەخسۇس داۋالاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ