باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
پەيزىۋات ناھىيىسى كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،يېزا ياشلىرىغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى
2008- 09- 17 10:22 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى ئەمەت خەۋىرى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پەيزىۋات ناھىيىسى مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، يېزا ياشلىرىغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى.

      بۇ ناھىيە كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ، دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇشقا ئائىت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. 2مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، ناھىيىلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 11يېزا ، بازارلىق تولۇق ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى كەسپىي سىنىپلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ ، كەم ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەر ئايدا 150 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. ھەرقايسى يېزا ، بازار ، كەنتلەرمۇ كەسپىي سىنىپلارغا 500 مودىن ئارتۇق پراكتىكا بازىسى ئېتىزى ئاجرىتىپ بەردى . نەتىجىدە ، بۇ ناھىيىدىكى كەسپىي سىنىپلار 2005–يىلدىن بۇيان ، 7000 غا يېقىن ياشنى تىككۈچىلىك ، ياغاچچىلىق ، گىلەم توقۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن–تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىدى. بۇلاردىن 4000 دىن ئارتۇق ياش بېيجىڭ ، تىيەنجىن ، جېڭجۇ ، شەندۇڭ قاتارلق سەككىز ئۆلكە (شەھەر ) لەردىكى 34 كارخانىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ، چىقىش يولى تاپتى . 203 نەپەر ياش 13 يېزا ، بازار ، 147 مەمۇرى كەنتتە ئالاھىدە پەن–تېخنىكا خادىمىلىق سالاھىيىتى بىلەن دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدا ‹‹يولباشچى›› بولدى . كۆپ قىسىم ياشلار ئۆز ئورۇنلىرىدا تېرىقچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، ئورمانچىلىق ، باقمىچىلىق ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە تۈرلۈك قوشۇمچە كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن بېيىش ماھىرلىرىغا ئايلاندى . ھازىر ، بۇ ناھىيىدىكى 12 تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گىلەم توقۇش، ئۆي بېزەش ، كەپشەرچىلىك ، ياغاچچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى بويىچە ئېچىلغان كەسپىي سىنىپ سانى 94 گە ، ئوقۇغۇچى سانى 4094 گە يەتتى .


 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ