|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولغان 60 ياشتىن ئاشقان، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالىدىغان ياشانغانلار، مېيىپلەر، نامراتلاردىن كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەر ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ ھەر قايسى رايونلۇق (ناھىيىلىك) ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى ياشانغانلارنى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ئەسلىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان كېسەللەرنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ داۋالىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىشنى تىزىملاتقان ياشانغانلار ‹‹ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىنىشكىسى›› ۋە مېيىپلىك ئىسپاتىنى ئېلىپ، شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تېلېفوندا 2827279 – 0991 دىن سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن.
|