باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى يولغا قويۇلدى
2008- 09- 16 18:00 شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى(موتسىكلىت، تراكتوردىن باشقا) ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغاندا، جەزمەن دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى(قىسقىچە دۆلەت  –– Ⅲ  ئۆلچىمى) نى ئىجرا قىلىشىنى قارار قىلدى.

يېڭى ئۆلچەم بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى خېلى تۆۋەنلىتىدۇ

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تېز كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %12 كە يەتتى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 210 مىڭدىن ئېشىپ، كۈندە 100 دىن ئارتۇق يېڭى ئاپتوموبىلغا نومۇر تارقىتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاۋادىكى ئازوت ئوكسىدنىڭ بۇلغىما كوئېففىتسېنتى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ، تۇراقسىز بۇلغىما چىقىرىش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت ۋە ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسىي ئامىلغا ئايلاندى.

   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››(قىسقىچە ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دېيىلدى)دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2008 – يىل 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېڭى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش چەكلىنىدۇ. 2009 – يىل 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتوموبىل دىئاگنوز سىستېمىسى (OBD) نى ئورناتمىغان يېنىك تىپتىكى 1 – خىلدىكى بېنزىنلىق ئاپتوموبىللارنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

   دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەجرىبىلەر يېڭى ئاپتوموبىللاردا قەتئىي ئىجرا قىلىنىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشنى كونترول قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېڭى ئاپتوموبىللاردىكى كاربون چالا ئوكسىد ھىدرو كاربون، ئازوت ئوكسىد شۇنىڭدەك دانچە ماددا قاتارلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىش ئومۇمىي مىقدارىنى خېلى تۆۋەنلىتىدۇ.

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىنى يولغا قويغان ئاپتوموبىللاردا ئاپتوموبىلنىڭ بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ‹‹دۆلەتنىڭ 2 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىنى يولغا قويغان ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %50 تىن ئارتۇق تۆۋەن بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىلدا 30 مىڭ ئاپتوموبىل يېڭىدىن كۆپىيىدۇ، دەپ ھېسابلىغاندا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يىلدا قويۇپ بېرىدىغان كاربون چالا ئوكسىد 32 مىڭ 850 توننا، گىدرو كاربون 3285 توننا، ئازوت ئوكسىد 1095 توننا بولىدىكەن. ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يۇقىرىقىلار ئايرىم – ئايرىم %50، %7.66 ۋە %75 ئازلايدىكەن.

   ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى پەيدا قىلغان مۇھىت بېسىمىنى ھەل قىلىش، شەھەر رايونىنىڭ مۇھىت – ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

نىمكەش ئاپتوموبىللارغا نومۇر تارقىتىشتىمۇ ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ

   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى نازارەت قىلىش –– ئۆلچەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىنى يولغا قويغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن: بىرى، يېڭى ئۆلچەمنى يولغا قويغان ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ‹‹دۆلەتنىڭ 2 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىنى يولغا قويغان ئاپتوموبىللارنىڭكىدىن %50 تۆۋەن بولىدىكەن؛ ئىككىنچى، OBD سىستېمىسى، يەنى ئاپتوموبىل دىئاگنوز سىستېمىسى ئورنىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. OBD سىستېمىسى ماتورغا ئوت كېتىش قاتارلىق كاشىلىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ سىگنال بەرگەندىن سىرت، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چىقىرىدىغان گازنىڭ ئۆلچەم بويىچە چىقىشىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنى نازارەت قىلىش – ئۆلچەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ تاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇقتۇرۇش››تىكى تەلەپ بويىچە، سىرتنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۆتكەپ نوپۇسقا ئالدۇرغاندىمۇ يېڭى ئاپتوموبىل ئۆلچىمىگە تەتبىقلىنىدۇ، شۇڭا نىمكەش ئاپتوموبىللارغا نومۇر تارقاتقاندا ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

   2008 – يىل 1 – ئىيۇلدىن كېيىن ھەرقايسى شەھەرلەردە بىردەك ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇپ، شاللىۋىتىلگەن بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى كۆپ بولغان ئاپتوموبىللار، ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئاپتوموبىللارنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىنىدۇ، بۇ بۇلغىما مەنبەسىنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ.

   ھازىر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىچىدە ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىگە توشىدىغان يېنىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى 4228 دىن، ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى 7747 دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە DBO سىستېمىسىنى ئورناتقان يېنىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى 2061 دىن ئاشتى ھەم سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىلدى.

‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىگە توشمىغان ئاپتوموبىللارغا نومۇر بېرىلمەيدۇ

   ‹‹ئۇقتۇرۇش›› بويىچە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش لاياقەتلىك بەلگىسىگە ئېرىشەلمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش مەسئۇل تارماقلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىمغا ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەيدىكەن. 2008 – يىل 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ‹‹دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش شەكلىنى دەلىللەش مۇندەرىجىسى››دىكى 3 – باسقۇچلۇق بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى دائىرىسىگە كىرىدىغان، يېڭى سېتىۋېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش لاياقەتلىك بەلگىسىنى بىۋاسىتە دەلىللەپ تارقىتىدىكەن.

   ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىللارغا جەزمەن بۇلغىما چىقىرىشتا ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىگە توشىدىغان تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىلىشى ھەم ‹‹دۆلەتنىڭ 3 – باسقۇچلۇق›› ئۆلچىمىدىكى ماي قاچىلىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئىككى شەرتنىڭ قايسى بىرى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش جەريانىدا ئۆلچەمگە يېتىشى تەسكە توختايدۇ. ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ھازىر تەمىنلەۋاتقان بېنزىننى ۋاقتىنچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن ئاپتوموبىل خوجايىنلىرى سۈپەتلىك يېقىلغۇ ماي ھەم يېقىلغۇ ماي تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش ئارقىلىق سۈپەتلىك يېقىلغۇ ماينىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ