|
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – زېمىن ئىدارىسى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئىپادىلىدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى سىياسەت جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ئۆي ئىنسانلار ھاياتلىقىنىڭ زۆرۈر شەرتى.17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: ‹‹تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۇرالغۇ كاپالەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شۇنداقلا تۇرالغۇ كاپالەت شەكلى ۋە كاپالەت ئوبيېكتى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم توختىلىشى بولۇپ، بۇ ئېلىمىز ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تاۋارلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن، سوتسىيالىستىك ئادىل، ھەققانىي تۇرالغۇ كاپالەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى ھۆكۈمەت بېكىتىدۇ ھەم شەھەر، بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ماسلاشتۇرىدۇ، بۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خەلققە كۆڭۈل بۆلۈش تەدبىرى، بۇنىڭدا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە باھانىڭ بىردەك بولماسلىقىنىڭ تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئىجارىسىنى ئۆرلىتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇنىڭدا يەنە كىرىمدە ئۆزگىرىش بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيدە تۇرۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلار تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيدە داۋاملىق تۇرماقچى بولسا، تاۋار ئۆينىڭ بازاردىكى ئىجارە ھەققى بويىچە مەزكۇر ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشى نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي بازىرىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ.
ئەرزان – قۇلاي ئۆيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئارقىلىق تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ‹‹تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش››قا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭدا تۈزۈم كاپالىتى بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، ئەرزان – قۇلاي ئۆي تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەريانىدا چىققان تۈرلۈك قالايمىقانچىلىقلار يەنە كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئوبيېكتى شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بولۇپ، ئەرزان – قۇلاي ئۆيلەرنىڭ كاپالەت ئوبيېكتى بولغان ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ئوخشىمايدۇ. تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىش، تەستىقلاش ۋە چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمىنى چىڭىتىش بىلەن بىللە، تۇرالغۇ كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئارخىپىنى ئوبدان تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى نۆۋەتتىكى ئەڭ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بىلەن چەكلىنىشتىن بارلىق كىرىمى تۆۋەن ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىپ، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆينىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ‹‹تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
|