|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى 12 – سېنتەبىر ئاياغلاشتى. شۋېتسارىيە ماھىرى جوناس ياكوبسون داۋاملىق مۆجىزە يارىتىپ، 3 – ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. تۇنجى قېتىم مېيىپلەر ئو ت م گە قاتناشقان جاڭ سۈيپىڭ بىلەن دوڭ چاۋ جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
SH1 دەرىجىلىكلەر بويىچە ئارىلاشما گۇرۇپپىنىڭ 50 مېتىر ئارىلىقتىن ئۆزى تاللىغان مىلتىقتا يېتىپ ئېتىش تۈرىدىكى مۇسابىقىدە، مېيىپلەر ئو ت م دىكى پېشقەدەم تەنھەرىكەتچى ياكوبسوننىڭ ئىپادىسى يەنىلا ياخشى بولدى. ئۇ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 592 ھالقا نەتىجە بىلەن 1 – بولۇپ، 2 – بولغان ماھىردىن ئىككى نومۇر ئاشۇردى. مۇسابىقىدە ئەزەلدىن سالماق بولۇپ كەلگەن ياكوبسوننىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئەڭ ناچار نەتىجىسىمۇ 9.9 ھالقا بولدى. ياكوبسون 695.8 ھالقا ئومۇمىي نەتىجە بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م دا 3 – ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى ھەم ئۆزىنىڭ مېيىپلەر ئو ت م دىكى ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانىنى 16 گە يەتكۈزدى.
ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىلەشكەن جۇڭگولۇق ئىككى ماھىرنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى. جاڭ سۈيپىڭ 692.9 ھالقا ئومۇمىي نەتىجە بىلەن 2 – بولۇپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بۇ ئۇنىڭ بېيجىڭ ئو ت م دا ئېرىشكەن 3 – مېدالى. 23 ياشلىق سىچۈەن ماھىرى دوڭ چاۋنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى. ئۇ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 586 ھالقا نەتىجىگە ئېرىشىپ، 8 – بولغانىدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى ئېتىپ، 103.3 ھالقا نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بەش ماھىردىن ئېشىپ 3 – بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م دىكى 2 – مىس مېدالغا ئېرىشتى.
جۇڭگولۇق ئىككى ماھىر مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مېيىپلەر ئو ت م گە قاتناشقانلىقىدىن مۇسابىقىدە سەل جىددىيلەشكەنلىكىنى، لېكىن مېيىپلەر ئو ت م دىكى داڭلىق شەخس بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ مېدالغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
|