|
10 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر بىناسىنىڭ 2 – قەۋەت يىغىن زالى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى. شۇ كۈنى بىئولوگىيە ئالىمى، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپوف شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى توغرىسىدا دوكلات بەردى ھەمدە نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئائىت سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپوف قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1993 – يىلى موسكۋادا ئىرسىيەتشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ ئامېرىكا ئورىگون شتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم – پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ كلۇنلاش تېخنىكىسىدا يىڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مايمۇن تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كلۇنلىغان . ھازىر ئۇ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتچى ھېسابلىنىدىكەن. دوكلات ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەمىت ھېمىت ئۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇق گۇۋاھنامىسىنى بەردى.
|