|
ۋېن جياباۋ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جۇڭنەنخەيگە تەكلىپ قىلدى
‹‹ئەتە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بۈگۈن كۆپچىلىكنى جۇڭنەنخەيگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم››. 9 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن سەككىز ئوقۇتقۇچىنى جۇڭنەنخەينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ھەم سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى.
ۋېن جياباۋ سۆھبەتتىن ئىلگىرى سەككىز ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە شىخۇاتىڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېن جياباۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ليۇ يەندۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بۇ ئارامبەخش ھويلىغا كېلىپ، زۇڭلى جۇ ئېنلەينىڭ ئەينى چاغدىكى ئىشخانىسى، ياتىقى، كىتابخانىسى، مېھمان قوبۇل قىلىش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شىخۇاتىڭدىن چىققاندىن كېيىن، ۋېن جياباۋ كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشقاچ، پىيادە گوۋۇيۈەننىڭ 4 – يىغىن زالىغا كەلدى. كۆپچىلىك ئولتۇرغاندىن كېيىن، ۋېن جياباۋ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ شەرەپلىك كەسىپ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىككە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى پروگراممىسى››نى تۈزۈشنى قارار قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىزمەتكە قانداق پىكىر، تەكلىپلىرى بار، سىلەر قانداقراق پىلاننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىسىلەر؟ پىلاندا قانداق مەسىلە ھەل قىلىنىشى كېرەك؟ ھازىرقى ئەڭ گەۋدىلىك، جەمئىيەت، ئامما شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر قايسىلار؟
ۋېن جياباۋ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋېنچۇەن ناھىيىلىك يىڭشيۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى تەن گوچياڭنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. تەن گوچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، يېزا مائارىپىدىكى قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى پەيدىنپەي ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى، ئۇنۋانى ۋە تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، 62 ياشلىق ليۇ پېڭجىنىڭ ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مائارىپ توغرىسىدىكى سۆھبەتكە 2 – قېتىم قاتنىشىشى، ئۇ جەمئىيەتتىكىلەرنى مائارىپقا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى ئىسلاھاتىنى قوللاش؛ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى مەكتەپلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپلەرنى بەردى.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، پىلان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلۈشى كېرەك. خەلق ھازىر نېمىگە ئېھتىياجلىق؟ ئۇلار بالىلارنىڭ ئوقۇيالىشىنىلا ئەمەس، ياخشى مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككىنچى، مەن مائارىپ مەبلىغى مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئىنتايىن قوللايمەن. بۇ خىزمەتنى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بىز كارخانىچىلاردا ئەخلاق ئۇقۇمى بولۇشى كېرەك، دەيمىز، ئەمەلىيەتتە، مائارىپقا مەبلەغ سېلىش كارخانىلارنىڭ ئالغان پايدىسىدىن جەمئىيەتكە قايتۇرغان ئەڭ ياخشى جاۋابىدۇر. ئۈچىنچى، مائارىپ باراۋەرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. كىرىم پەرقىنىڭ كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ مائارىپ ئادىللىقى، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى تەكىتلىشىمىز ھەرگىزمۇ مەكتەپنى بىر ئەندىزىدە قۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى بىر قېلىپتا تەربىيىلەشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەكتەپ قۇرۇشتا جەزمەن ئۆزگىچىلىك، خاسلىق گەۋدىلىنىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا جەزمەن ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، بىلىش، ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، جۈملىدىن، ئۆگىنىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
بېيجىڭ ‹‹جىنسۇڭ››كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شياڭ جۈن كەسپىي مائارىپنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا قىزغىن سۆزلىدى. ۋېن جياباۋ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر بىز كەسپىي مائارىپنىڭ كۆلىمىگە، پەنلەرنى تەسىس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك››.
بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى ‹‹جۈشەن›› باشلانغۇچ مەكتىپى شەھەر، يېزا چېگرىلىنىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ‹‹مەكتىپىمىزدىكى %90 ئوقۇغۇچى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ پەرزەنتى، مەكتىپىمىز ئەقلى كەم، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. مەكتىپىمىز<مەن مەسئۇل بولىمەن، مەن قىلالايمەن، مەن خۇشال> دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەربىيىلىنىپ ساغلام، مۇستەقىل ياشىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن خەنزۇچە خەتنى چىرايلىق يازالايدىغان بولۇشنى، مەكتەپ پۈتكۈزگەندە قەدىمكى زامان شېئىر – قوشاقلىرىدىن 250نى يادقا بىلىشنى، ئۈچ خىلدىن ئارتۇق مىللىي سەنئەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى، مەسىلەن: قەغەز قىيىش، جامبازلىق، تېز تېمپا قاتارلىقلارنى ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ››، دېدى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ياڭ شيۇيۇڭ، زۇڭلى ئۇنىڭ سۆزىگە ناھايىتى قىزىقتى.
‹‹كېيىن پۇرسەت بولسا، مەكتىپىڭلارنى كۆرۈپ كەلگىم بار››، دېدى ۋېن جياباۋ. ئۇ ‹‹جۈشەن›› باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ ياڭ شيۇيۇڭ ۋە ‹‹جۈشەن›› باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپنى داۋاملىق ياخشى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى. سائەت 12دىن ئاشقاندا، سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالدى. ۋېن جياباۋ ئوقۇتقۇچىلاردىن مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: بىرىنچى، غايىلىك بولۇپ، ۋەتەننى سۆيۈڭلار، كەسىپنى ھۆرمەتلەڭلار. خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى بىلىم بېرىش، مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋەتەن ۋە خەلققە ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش. ئىككىنچى، باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇڭلار. بىلىم بەرگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزى بىلىملىك بولۇشى، باشقىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۆز بىلەن تەربىيە بەرگەندىن ئۆز ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تەربىيە بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئۈچىنچى، مەكتەپ نازارەتچىلىكىدە ئېھتىياتچان بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەڭلار. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان، ئوقۇتقۇچىلار يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولغاندىلا، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بىلىمنىڭ مۇھىم تارقاتقۇچىسى ۋە ياراتقۇچىسى، مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ ياراتقۇچىسى، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىنى يارىتىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆگىنىشنى بىلىدىغان، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك.
|