|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، داكار، 12 – سېنتەبىر، بىسسائۇ تېلېگراممىسى. گۋىنېيە (بىسسائۇ) زۇڭتۇڭى ۋئېللا يېقىندا جۇڭگوغا بېرىپ، بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ھەم خىزمەت زىيارىتىدە بولۇپ، ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان ئەپسۇسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىمەن دېدى.
ئۇ ئۆزىنى ئۇزاتقىلى كەلگەن جۇڭگونىڭ گۋىنېيە (بىسسائۇ)دە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەن باڭخۇاغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دوستىمىز ۋە قېرىندىشىمىز سۈپىتىدە ئۇزاقدىن بۇيان يېزا ئىگىلىك، سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە گۋىنىيىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، گۋىنېيە (بىسسائۇ)نىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن گۋىنېيە (بىسسائۇ)نىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
ۋئېللا مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن كېيىن جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۋىنېيە (بىسسائۇ)گە قىلغان غايەت زور ياردىمىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىماقچىمەن.
|