باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
‹‹سۇ كۇپى›› ‹‹جۇڭگو كۈنى››نى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو كوماندىسىدىكىلەر بەش ئالتۇن مېدال ئالغاندىن باشقا دۇنيا رېكورتىنى بەش قېتىم بۇزدى
2008- 09- 16 12:46 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسى 13 – سېنتەبىر ئاخىر پارتلىدى. ئالتە كۈن ئىلگىرى تۆت ئالتۇن مېدال ئالغان سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىكىلەر شۇ كۈنى بىراقلا بەش ئالتۇن مېدال ئالدى ھەم بەش تۈر بويىچە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ۋە ئۆزىدىن ھالقىش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسى بۇ ئالاھىدە ئىپادىسى ئارقىلىق ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، 9 – ئورۇندىن بىراقلا 2 – ئورۇنغا ئۆتتى.

   شۇ كۈنى كەچتە 22 ياشلىق ئەما ماھىر ياڭ بوزۈن ئەرلەرنىڭ  100مېتىرغا ئوڭدىسىغا ئۈزۈشS11دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىپ، جۇڭگو كوماندىسىغا ‹‹ئىشنى ياخشى باشلاپ›› بەردى. ئۇ بىر مىنۇت 07سېكۇنت 74 دەقىقە بىلەن ئۆزى چۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق مۇسابىقىدە ياراتقان دۇنيا رېكورتىدىن 0.66 سېكۇنت تېز ئۈزدى.

   ––– بۈگۈن دۇنيا رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلىيالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان، ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئالتۇن مېدال بۈگۈن ئاخىرى قولۇمغا تەگدى، –  دېدى ياڭ بوزۈن مۇسابىقىدىن كېيىن، –  تامغا ئۆزۈمنى تەگكۈزگېنىمدە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلىدىم. قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇرادىمغا يېتىش يولىنى تاللىدىم ھەم ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سۇپىسىغا چىقتىم. مەن ‹‹سۇ كۇپى››نى ياخشى كۆرۈمەن، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرۈمەن.

   16 ياشلىق كىچىك ماھىر شۈ چىڭمۇ قىلچە بوش كەلمىدى، ئۇ شۇ كۈنى ئەرلەرنىڭ 50 مېتىرغا  كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈشS6  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى ھەم 30 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شۈ چىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن: بۈگۈنكى نىشانىم ئالتۇن مېدال ئېلىش ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا چوقۇم بىرىنچى  بولىدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسكە ئالدىم، بىراق <سۇ كۇپى>دىكى سۇ مېنى تىنچلاندۇردى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر تارقالمىغان، مانا بۈگۈن بىراقلا پارتلاپ چىقتۇق، دېدى.

   ئۇنىڭدىن باشقا جياڭ فۇيىڭ  38  سېكۇنت  44 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئاياللارنىڭ 50 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش 6S  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى؛ تيەن رۇڭ ئەرلەرنىڭ 50 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش S7  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 30 سېكۇنت 37 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى؛ خۇاڭ مېي ئاياللارنىڭ 50 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈشS7دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 34 سېكۇنت 47 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدال ئالدى. بۇ ئۈچەيلەن ئۆز تۈرلىرىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ