|
‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىدا ئىشەنچ كرىزىسىنى پەيدا قىلغان ‹‹خوجايىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى››، ‹‹قۇشناچىم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى›› دەۋرى ئەمدى كەلمەسكە كېتىپتۇ. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا ‹‹كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى››نى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ‹‹كارخانىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلى )مەمۇرىي مۇئاۋىن ۋەزىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس نامزاتى بولالمايدۇ›› دەپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بويىچە ئېلان قىلغان تۇنجى چارە ئىكەن.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش – بولماسلىقى كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. لېكىن بىر مەزگىلدىن بۇيان بەزى يەرلىك كارخانىلاردا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس نامزاتى مەسىلىسىدە ئۆتكەل چىڭ ئىگىلەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملەر مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس نامزاتىنىڭ ‹‹سۈپىتى››گە كاپالەتلىك قىلىنمىغانىدى. شۇڭا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە بولمىغان بەزى كارخانىلاردا كارخانىنىڭ ‹‹ئىككىنچى خوجايىنى››، ‹‹قۇشناچىمى›› ۋە كادىرلار بۆلۈمى دىرېكتورى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولۇۋالىدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، ‹‹چارە››گە يۇقىرىقىدەك بەلگىلىمە كىرگۈزۈلدى.
|