|
ئېلىمىزنىڭ 53 شەھىرىدىكى 105 خۇسۇسىي ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش دوكلاتىغا قارىغاندا، %77 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەركىزىي بانكا ‹‹پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش دوكلاتى››نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگودا ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىشنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيتتە ‹‹قەرز پۇل بەرگۈچىلەر نىزامى›› ئېلان قىلىنىشى كېرەك.
ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىشقا ھۆكۈمەت ھازىرغىچە نام بەرمىدى، لېكىن جۇڭگودا ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش ئۇزاقتىن بۇيان ‹‹مەخپىي›› بېجىرىلىپ كەلگەن. كرېدىتنى قىسىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئەلئارا قەرز پۇل ئۆسۈمى بۇلتۇر 10 – ئايدىن باشلاپ تېز ئۆستى.
مەركىزىي بانكىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىشنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە رايون پۇل مۇئامىلىسى ئېكولوگىيىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ‹‹ئۇرچۇقسىمان›› ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى كۆپ، پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيىسىنىڭ مۇھىتى ياخشى چوڭ شەھەرلەر بىلەن غەربىي رايوندىكى تەرەققىياتى ئاستىراق رايونلاردا ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش ئانچە كۆلەملەشمىگەن. پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان رايونلاردا ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، ئۆسۈم سەۋىيىسىمۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى ئىكەن.
مەركىزىي بانكا دوكلاتىدا ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىشنىڭ مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى ۋە زۆرۈر تولۇقلىما ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. لېكىن بۇ بانكا كرېدىتى ئۈچۈن زور خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا مەركىزىي بانكا مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىشقا تېخىمۇ ياخشى قانۇن – تۈزۈم شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەلئارا قەرز پۇل ئېلىش بىلەن مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ماس مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان شارائىتنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.
|