باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
چوڭ دۆلەت ئىقتىسادى ئىچكى ئېھتىياجغا تايانغاندىلا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ
2008- 09- 16 12:32 شىنجاڭ گېزىتى

   بۇلتۇر ئامېرىكىدا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كرىزىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى زاپاس پۇل كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى، ھەتتا پۇلنىڭ پاخاللىشىشىغىمۇ يول قويدى. ھازىر ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %5تىن ئېشىپ كەتتى، بەزىلەر: بۇ جۇڭگونىڭ زور تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. بۇ توغرىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى خۇ دېمىڭ تۆۋەندىكىدەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى:

   ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا جۇڭگو زور تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكىنىڭ مال – مۈلۈك بازىرىغا سېلىپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى زايومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى، بۇ، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىغا يەنە قەرز پۇل بەرگەنلىك. 7 – ئايدا ئامېرىكا CPI سى ئۆتكەن يىلىدىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.6 ئۆستى، مەسىلەن: سېتىۋېلىنغان زايومنىڭ ئۆسۈمى بۇ نىسبەتتىن تۆۋەن بولدى. بۇ، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ساپ زىيان تارتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىقتىسادىي تەننەرخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئامېرىكىغا %2 ياكى%3 لىك ئۆسۈم بويىچە قەرز پۇل بېرىپ، بۇ بايلىقنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشقا سالمىدى. بۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە زور پۇرسەت تەننەرخى بەدىلى تۆلىگەنلىك. ئامېرىكا چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى((FDI) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، %2 لىك ئۆسۈمدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشتى. بۇ، چەت ئەل كارخانىلىرىغا قەرز پۇل بەرسە، چەت ئەل كارخانىلىرى  جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگونىڭ پۇلىنى تېپىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   لېكىن ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، جۇڭگو چوڭ دۆلەت، چوڭ دۆلەتلەر ئىقتىسادى ئىچكى ئېھتىياجغا تايىنىپ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىز ئەكسىچە تەپەككۇر قىلساق، مەسىلەن: جۇڭگو كىچىك دۆلەت بولسا، ئېكسپورت ۋە چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا تايىنىپ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەگەر بۇ چوڭ دۆلەت ئامېرىكا بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى ۋاقىتتا، ئېكسپورت ئىشلىرىمىز، شۇنداقلا ئىقتىسادىمىز تەبىئىي ھالدا ياخشى بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىقتىسادى چېكىنگەندە بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭ كاساپىتىگە ئۇچرىماي قالمايمىز. شۇڭا بىز جۇڭگو دېگەن جۇڭگو، ئامېرىكا دېگەن ئامېرىكا، دەپ قارىساق، ئالدى بىلەن قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، ھېچنېمىگە قارىماي سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئېكسپورتتىن تاشقى پېرېۋوت يارىتىدىغان ئويىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك. چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا تايىنىش كېرەك، مانا بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يولى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ