|
كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز بىر مىليون مېيىپنىڭ ‹‹بەختلىك بولۇش كۆرسەتكۈچى›› نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹ھەممە ئادەمنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش›› قۇتقۇزۇش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر مىليون 69 مىڭ مېيىپ بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5.31 نى ئىگىلەيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹چاڭجياڭ يېڭى مۇساپە پىلانى›› قاتارلىق نۇقتىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، 70 نەچچە مىڭ مېيىپنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز نامرات كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىدۇ؛ ئەمالارغا قارىتا يۆنىلىشلىك مېڭىش ۋە تۇرمۇش ئىقتىدارى ماھىرىتى بويىچە تەربىيىلەش مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇپ، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ؛ نامرات گاس بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويىدۇ. 16 ناھىيە، شەھەردە ‹‹ئىجتىمائىيلاشقان، ئۇنىۋېرساللاشقان، ئېچىۋېتىلگەن›› روھىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ‹‹ئالاھىدە›› مائارىپنى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسگە كىرگۈزۈپ، مېيىپ بالىلارنى ئوقۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
|