باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
يېڭى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى
2008- 09- 16 12:27 شىنجاڭ گېزىتى

    ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىن ئىبارەت ئىككى مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قۇرۇلدى.  12 – سېنتەبىر بۇ مەكتەپكە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

   ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ بەردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ۋە لى جى مەكتەپ ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

   ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1985 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتقان ئالىي كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى رادىئو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن 1993 – يىلى مۇستەقىل چوڭلار ئالىي مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغانىدى. بۇ ئىككى مەكتەپ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش مۇساپىسىدە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بولۇپ، يېڭى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ