باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 6 – ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار – بالىلار سۈت پاراشوكىنى پېچەتلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
2008- 09- 16 12:24 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      15 – سېنتەبر، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار – بالىلار سۈت پاراشوكىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2008 – يىلى 6 – ئاۋغۇستتىن ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىلغان ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار – بالىلار سۈت پاراشوكى بايقالسىلا ھەممىسىنى پىچەتلەشنى تەلەپ قىلدى.

     ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سۈت پاراشوگى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توپ سېتىش بازارلىرى، سودا – ساراي، تاللا بازارلىرى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردىكى سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، سۈپەت تەكشۈرۈشتە، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈپەت تەلىپىگە مۇۋاپىق كەلمىگەن ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق بولغان سۈت پاراشوكىغا قارىتا، ساتقۇچىنى قانۇن بويىچە سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇشىنى ھەمدە بازاردىن چېكىندۈرۈلگەن مەھسلاتنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، لاياھەتسىز سۈت پاراشوكىنىڭ بازاردىن ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈملۈك چىكىندۈرۈلۈشىكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۈت پاراشوكى بازىرىغا قارىتا مەخسۇس قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ساختىنى راس دەپ سېتىش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ