باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىز 970 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، يۈك ترانسپورت پونكىتى ۋە مەيدانىدىن 21 نى قۇرۇشنى پىلانلىدى
2008- 09- 16 12:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز 970 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي يەر كۆلۈمى تەخمىنەن 2 مىليون كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، يۈك ترانسپورت پونكىتى ۋە مەيدانىدىن 21 نى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

     بۇ 21 ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ۋە يۈك ترانسپورت پونكىتى ۋە مەيدانى ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، قۇمۇل، كورلا، قەشقەر، كۈيتۈن، غۇلجا (قورغاس) تا قۇرۇلىغان بولۇپ، مەملىكەتتىكى 179 تاشيول ترانسپورت تۈگۈنى شەھىرىنىڭ تەكىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. 2015 – يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 280 مىڭغا يېتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، ئۈرۈمچى مەركەز، 2 – دەرىجىلىك پورت تايانچ قىلىنغان، ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان خەلقئارا ئەشيا ئوبورۇت تورى شەكىللىنىپ، بىر مىڭ 200 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى يۈكنى 24 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ترانسپورت ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى شىنجاڭ بىلەن چېگىرلىنىدىغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت يەتتە دۆلەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى تەرەپ ئاپتوموبىل ترانسپورت كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە جۇڭگو، پاكىستان، قازاقىستان، قىرىغىزىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئاپتوموبىل ترانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت 1 – دەرىجىلىك پورتتىن17سى بار بولۇپ، نۆۋەتتە قوشنا دۆلەتلەر ئارا ئېچىۋېتىلگەن چېگرىدىن كىرىپ – چىقىدىغان ترانسپورت لىنىيىسى 54 گە يېتىدۇ.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ