|
قاراشەھەر ناھىيىسى بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بىرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالدى.
قاراشەھەر ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان 5800 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتتى، يەتتە يېزا – بازار، ئۈچ مەيدان، 46 مەمۇرىي كەنت، 45 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەسئۇللىرى ۋە 2600 تراكتور شوپۇرى بىلەن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹يازنىڭ ئۈچ ئىشى›› باشلىنىشتىن بۇرۇن، 2559 تراكتور شوپۇرىنى تەربىيىلەپ مەشغۇلات كىنىشكىسى تارقىتىپ، يازلىق يىغىم – تېرىم ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم دېھقانلارغا 2800 پارچىدىن ئارتۇق بىخەتەرلىك قوللانمىسى تارقاتتى، 3700 ئادەم (قېتىم)نى قاتناش بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلىدى.
|