باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
يوپۇرغا ناھىيىسى يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
2008- 09- 16 12:02 شىنجاڭ گېزىتى

   يوپۇرغا ناھىيىسى دېھقانلار ئارىسىدا ساپا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە. 

    بۇ ناھىيە بۇلتۇردىن بۇيان پەن – تېخنىكىنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىدىن 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توققۇز يېزا – بازاردىكى پەن – تېخنىكا مەكتىپى، 92 كەنتتىكى پەن – تېخنىكا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىدى. 63 تېخنىكنى يېزا – بازار، كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. 1500 مەيدان پەن – تېخنىكا فىلىمى قويۇپ، 54 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم )قېتىم(نى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا بىلىمىگە ئىگە قىلدى. ناھىيە مەركىزىدە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش مەركىزى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇپ، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 13 مىڭ 770 كىشىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەپ، ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا ئەۋەتتى. پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يېزا ئىگىلىكىدە كەڭ قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹جۇڭگۇ كېۋىزى – 35››، ‹‹شىنجاڭ كۆممىقونىقى –  901››، ‹‹شىنجاڭ كۈزگىسى – 20›› قاتارلىق ئالتە سورتنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق سورتلۇق زىرائەتلەرنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %99 كە يەتكۈزدى. بۇ يىل 200 مىڭ مو كېۋەزلىككە ياۋا چىلان كىرىشتۈرۈپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ‹‹جۇڭگۇ كېۋىزى –  49›› سورتىنى كىرگۈزۈپ، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قاتارلىق تۆت ئورۇندا 19 مىڭ مولۇق كېۋەز ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى بەرپا قىلدى. پەن – تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان چىلانلىق باغ كۆلىمىنى 26 مىڭ موغا، سورتلۇق چىلان كۆچىتى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى 1602 موغا،  ئۇلانغان چىلاننى 3 مىليون 800 مىڭ تۈپكە، تۇتۇش نىسبىتىنى%92 كە يەتكۈزدى.

   ‹‹داۋاكۆل›› قوغۇنىنىڭ شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 50 مىڭ مو باراڭلىق قوغۇن ۋە يوپۇق يېپىپ قوغۇن تېرىدى، پارنىكنى 1000 موغا يەتكۈزۈپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە ئاساس سالدى. يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن  قۇدۇقنى 964 كۆزگە، تېجەشلىك سۇغىرىلىدىغان كۆلەمنى 100 مىڭ موغا، تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كۆلەمنى 7300 موغا يەتكۈزدى. ھازىر،  بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك پەن – تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يېزا – بازار ئۈچكە، كەنت 31 گە، ئائىلە 2400 گە يەتتى.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ