باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە شىنجاڭ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى
2008- 09- 16 12:02 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       20 كىشىدىن تەركىپ تاپقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى روسىيىنىڭ يېڭى سبېرىيە شەھىرىدە بۈگۈن(16 – سېنتەبر) باشلىنىدىغان شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە شىنجاڭ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن(15 – سېنتەبر) كەچتە يولغا چىقتى.

     روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى سبېرىيە شۆبىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش، پەن – تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسىرى كۈچىيىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ھەمكارلىقتا ماھىيەت خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

     شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بىلەن روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى سبېرىيە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇش يىغىنى نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى، پەن – تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى، بىناكارلىق – قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى 30 دىن كۆپرەك تۈر ۋە شىنجاڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرىدىغان سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىگە چېتىلىدۇ. تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا روسىيە غەربىي سبېرىيىدىكى ئالاقىدار پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر روسىيە يېڭى سبېرىيىنىڭ پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ، زىيارەت قىلىدۇ ھەمدە ئېلىمىزنىڭ روسىيىنىڭ تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى سبېرىيە شۆبىسى 2007 – يىلى ئۆكتەبردە ئۈرۈمچى شەھىرىدە پەن –  تېخنىكا نەتىجە تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ