باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كۆنەس ناھىيىسى ئوتلاقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى
2008- 09- 16 11:59 شىنجاڭ گېزىتى

   كۆنەس ناھىيىسى بۇ يىل ئوتلاقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتلاققا قاراپ چارۋا مال بېقىش، ئوتلاق بىلەن چارۋا مالنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

   ئوتلاقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە بۇ يىل 1 مىليون 100 مىڭ مو ئوتلاقتىن چارۋا ماللارنى چېكىندۈرۈپ، ئوت – چۆپلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويدى. 240 مىڭ مولۇق يەم – خەشەك بازىسى بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، 500 مىڭ مو سۈنئىي ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ۋە ئائىلىۋى چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئوتلاقلارنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى. بەشتۆپە يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىكى چارۋىچى ئەلىشىر: ئىلگىرى كۆكلەمگە ياكى قىشلاققا كۆچۈش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋېتەتتۇق. ھازىر مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ئوت – چۆپ تېرىيالايدىغان، چارۋا ماللارنى بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ئاۋۇتالايدىغان بولدۇق. بۇ يىل 80 مو ئوت – چۆپ تېرىدىم، بۇنىڭدىن باشقا 80 مو ئوتلىقىم بار، بۇ يىل قىش ئوت – چۆپتىن غەم قىلمايمەن، دېدى. بۇلاردىن باشقا، ناھىيە يەنە چارۋىچىلىقتا ئۇششاق چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇرۇش، نەسىل ياخشىلاش ئارقىلىق سەرخىل چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش يولىغا ماڭدى. 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان توڭلىتىلغان ئىسپېرما بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇلغان ۋە تۆرەلمە كۆچۈرۈلگەن قوڭۇر كالىنى 20 مىڭ 200 تۇياققا يەتكۈزدى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ