باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹ئەركىن›› ئوت ئارشىڭىدىن كېسەللەر رازى بولماقتا
2008- 09- 16 11:54 شىنجاڭ گېزىتى

   غۇلجا شەھەر يېڭىيەر يېزا ‹‹ئەركىن›› ئوت ئارشىڭى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىپالىق ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى، مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن كېسەللەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

   يەككە تىجارەتچى ئەركىن ئىمام ئۈچ يىل ئىلگىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى تاشلاندۇق، ئوي – دوڭغۇل 15 مو يەرنى تۈزلەپ، ئارشاڭنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ راۋانلاشتۇردى. داۋالىنىش ئۆيلىرى، ئاشخانا، مېھمانخانا سالدۇردى، كۆچەت تىكىپ كۆكەرتتى. سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، توك تارتتى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئارشاڭغا سالغان  مەبلىغى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئىلگىرىكى قاقاس سايلىق بۈگۈنكى كۈندە مۇھىتى گۈزەل، داۋالىنىش شارائىتى ياخشى، مۇلازىمىتى ئەلا جايغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىن ۋە تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بۇ يەرگە كېلىپ داۋالانغانلار 6000 دىن ئېشىپ، ئۇلارنىڭ ساقىيىش، ياخشىلىنىش نىسبىتى %5.98 كە يەتتى.

   يېقىندا، بۇ ئارشاڭدا داۋالانغان ئارال شەھىرى توقاي يېزىسىدىن كەلگەن ئىمىن تۆمۈر مۇنداق دېدى: مېنىڭ رېماتىزم، مەزى بېزى كېسىلىم ئېغىر ئىدى، ئۇزاقتىن بۇيان دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان بولساممۇ، ياخشىلىنالماي ئازابلانغانىدىم. بۇ ئارشاڭدا بىر ھەپتە داۋالىنىپ، كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندىم.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ