باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
قەشقەر شەھىرىدە بۇ يىل مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا 59 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى
2008- 09- 16 11:48 شىنجاڭ گېزىتى

    قەشقەر شەھىرى بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا 59 مىليون 960 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئوقۇش – ئوقۇتۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى.

   بۇ شەھەر بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خەتەرلىك سىنىپلارنى ئۆزگەرتىش، كۆلىمى ئۆلچەمگە توشمىغان مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، 35 مىڭ 790 كۋادرات مېتىر كونا، خەتەرلىك مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى چېقىپ، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا، كەنتلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش تۈر مەبلىغىدىن 59 مىليون 960 مىڭ يۈەنگە ئىلتىماس قىلىپ، 16 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەتەرلىك سىنىپلىرىنى ئۆزگەرتىش، ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ھازىر، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان شەھەرلىك 11 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى ۋە بەشكېرەم يېزا يېڭىئاۋات باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلدى. شەھەرلىك 4 – باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ، 12 – باشلانغۇچ مەكتەپ، 9 – ئوتتۇرا مەكتەپ، 15 – ئوتتۇرا مەكتەپ، 24 – ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 28 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىغا كىردى. 9 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئون ئورۇندىكى ››قوش تىل‹‹ بالىلار يەسلىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى بېكىتىلىپ بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ