|
بانكىدا يىقىلىپ چۈشكەن 75 ياشلىق ياڭ بوۋاي قانۇنغا تايىنىپ تۆلەمگە ئېرىشتى.
بۇلتۇر 27 – دېكابىر ياڭ بوۋاي ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بانكىدا پۇل ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي بانكىنىڭ پۇل توشۇش ئاپتوموبىلى كەلگەنلىكتىن، بانكىنىڭ قوغداش خادىمى خېرىدارلارنى تىجارەت زالىدىن چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلىپ، چوڭ ئىشىكنى تاقىۋەتكەن. ياڭ بوۋاي باشقىلار بىلەن بىللە سىرتتا ساقلىغان. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن بانكا ئىشىكى ئېچىلغاندا، ئالدىراپ كەتكەن كىشىلەر تىجارەت زالىغا قىستىلىشىپ كىرگەنلىكتىن، ياڭ بوۋاي يىقىلىپ چۈشكەن. بانكا خادىمى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر كېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. دوختۇرخانىدا ياڭ بوۋاينىڭ سول يوتىسى سۇنغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ھەم كېيىن 8 – دەرىجىلىك مېيىپ، دەپ بېكىتىلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن ياڭ بوۋاي بانكا بىلەن تۆلەم بېرىش توغرىسىدا مۇرەسسەلەشكەن بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغانلىقتىن، بۇ يىل 7 – ئاپرېل سوتقا ئەرز قىلىپ، بانكا تەرەپتىن داۋالىنىش ھەققى ۋە روھىي زىيان قاتارلىقلار ئۈچۈن 51 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ دېلوغا سوت ئېچىپ: خېرىدارلارنىڭ سىرتتا ساقلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىشىكنى تاقىغان بانكا تەرەپ ئىشىكنى ئېچىشتىن ئىلگىرى خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىشى كېرەك ئىدى. بانكا تەرەپ خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن %80 تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ياڭ بوۋاي ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرامىغا يەتكەن ئادەم، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي مۇھىتىنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى ئالدىن مۆلچەرلىشى ۋە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى، بىراق ياڭ بوۋاي ئۆزىنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغان، شۇڭا، بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، بانكا تەرەپنى ياڭ بوۋايغا 36 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.
|