|
21 – سېنتەبردىن ئېتىبارەن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەنجۈ جەنۇبىي يولىنىڭ شىمالىي يۆنىلىشتىن جەنۇبىي يۆنىلىشكە سۈرۈلگەن جايىدا ، 501 – يول ئاپتوبوسىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ قوش يۆنىلىشتە يول يۈرۈشىگە يول قويۇلمايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئەنجۈ جەنۇبىي يولى 27 – ئىيۇندىن باشلاپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ ، 10 – سېنتەبر قاتناش باشلىغان . 10 – سېنتەبردىن 20 – سېنتەبرگىچە بولغان ۋاقىتتا ، قاتناش ساقچىسى بۇ يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارغا قارىتا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن . 21 – سېنتەبردىن ئېتىبارەن بۇ يول ، شىمالىي يۆنىلىشتىن جەنۇبىي يۆنىلىشكە قارىتىلغان تاق يۆنىلىشلىك يول قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارغا 20 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىكەن .
ئەنجۈ جەنۇبىي يولىنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كەڭلىكى 14 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 1.2 كىلومېتىر بولىدىكەن ، پۈتۈن لىنىيىگە 26 بەلگە تاختىسى ئورنىتىلدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاق يۆنىلىشلىك بەلگە ، سولغا بۇرۇلۇشنى مەنئىي قىلىش بەلگىسى ، ئوڭغا بۇرۇلۇشنى مەنئىي قىلىش بەلگىسى ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىنى چەكلەش بەلگىسى ، پۈتۈن لىنىيدە ئاپتوموبىل توختىتىشنى مەنئىي قىلىش بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . نۆۋەتتە ، يول بەلگىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان .
|