|
يېقىندا ئېچىلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنى قوغداش چارىسى››نى يولغا قويۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ كېرەكسىز كابېل، ترانسفورماتور قاتارلىق ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىنى تىزىملاتماي يىغىۋالغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدىكەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئاسما ئېلېكتر لىنىيىلىرىنى قوغداش رايونىدا پوجاڭزا، ساليوت ئېتىشقا، لەگلەك، شار قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇشقا، ترانسفور ماتور ئورنىتىلغان ئىستولبىلارغا چىقىشقا، سىم تارتىشقا بولمايدىكەن. شۇنداقلا، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىللارنىڭ بۇنداق جايلاردىن ئۆتۈشى مەنئى قىلىنىدىكەن. ئەگەر شۇنداق ئاپتوموبىللار خالىغانچە ماڭسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدىكەن ياكى 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدىكەن.
|