باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچىدە بىر ئەر توك سىمى ئوغرىلاۋېتىپ توك سوقۇۋېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قالغان
2008- 09- 16 11:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      مۇشۇ ئاينىڭ 10 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىنىڭ مىچۈەن – دۇڭسەن رايونى ئاخئادا كەنتىنىڭ 10 كېلوۋولتلۇق توك لىنىيىسىنىڭ ئاخئادا تارماق لىنىيىسى ئىستولبىسىدا بىر ئەرنىڭ ئېسىلىپ ئۆلۈپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلگۈچىنىڭ توك سىمى ئۇغرىلاۋاتقاندا توك سوقۇۋېتىپ ئۆلگەنلىكىنى بېكىتتى . بۇ ، مۇشۇ ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش چارىسى ›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى مۇئەسسەسەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.

      ساقچىلار نەق مەيداندا ، ئۆلگۈچىنىڭ پۇتىغا ئىستولبىغا چىقىشتا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تۆمۈر چىرماق كېيگەنلىكىنى ، ئىككى قولىدا توك سوقۇۋەتكەنلىك ئىزناسى قالغانلىقىنى، ئىستولبا تۆۋىدە ھەرە ، كۇلۇچ ، موتسىكلىت ئاچقۇچى قاتارلىق سايمانلارنىڭ چېچىلىپ تۇرغانلىقىنى، توك سىمى ۋە ئوپتىك كابىلنىڭ ئىزولياتسىيە قەۋىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى، قانۇن دوختۇرى ئۆلگۈچىنىڭ توك سوقۇۋېتىشتىن ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى .

     تولۇق بولمىغان ئىستاتستىكا ماتېرىيالىغا قارىغاندا، 2006 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1036قېتىم توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى مۇئەسسەسەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 10 مىڭ 980 يۈەنگە يەتكەن ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا كەلتۈرگەن ۋاستىلىق زىياننى مۆلچەرلەش قىيىن ئىكەن.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ